باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىن ۋېيمىن ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز دېدى

2015.03.11 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 10-مارت مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يىن ۋېيمىن كەلگۈسىدە، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنى ئۆستۈرۈش تەس، تەمىناتى تۆۋەن بولۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىمىز دېدى.

  يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: ناھىيەدىن تۆۋەن ئورگانلاردا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسىنى تەڭ يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش-ئېلىمىزنىڭ كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم تەدبىرى شۇنداقلا مەمۇرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى يېڭىلىق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى-مەمۇرلار قانۇنى رامكىسىدا، ئەسلىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش يوللىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك شۇنداقلا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يوللىرىنى كۆپەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنى ئۆستۈرۈش تەس، تەمىناتى تۆۋەن بولۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىش.

  يىن ۋېيمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىزدە يەتتە مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق مەمۇر بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ %60 ى ناھىيەدىن تۆۋەن ئورگانلاردا ئىشلەيدىكەن، شۇڭا ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنى ئۆستۈرۈش تەس، تەمىناتى تۆۋەن بولۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسىنى تەڭ يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ يىل، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيەدىن تۆۋەن ئورگانلار بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسىنى تەڭ يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىغا نەپ يەتكۈزىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر