باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2014-يىل ئاخىرىغىچە 830 مىڭدىن ئارتۇق «مۇتىھەم»نىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى

2015.03.11 09:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 9-مارت تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 9-مارت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 830 مىڭ لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ٪20 لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلغان.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن جۈنگۇڭ 9-مارت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2014-يىلدىن بۇيانقى ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى توردا تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى جازالاش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 54353 ئادەم/قېتىمنىڭ يۇمشاق كارىۋاتلىق پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشىنى، 972492 ئادەم/قېتىمنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشنى، 100 مىڭ ئادەم/قېتىمنىڭ ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىش ۋە قەرز ئېلىشىنى چەكلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر