باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بۇ يىل قاراپ چىقىشقا ۋاقتىدا سۇنۇلىدۇ

2015.03.11 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 9-مارت تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى جىنايى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ئەيلى 9-مارت مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىغا ئاساسەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 9-مارت چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ۋاڭ ئەيلى مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئېھتىياجى، خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە يولۇققان يېڭى مەسىلىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا قاراپ چىقىش جەريانىغا قارىتا ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى 2014-يىلى 10-ئايدا تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلغان، بۇ يىل 2-ئايدا 2-قېتىم قاراپ چىقىلدى. قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ قانۇنى پرىنسىپ بويىچە ئادەتتە 3-قېتىملىق قاراپ چىقىشتىن ئۆتسە، ئاندىن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر