باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار ئىسلاھات تېمىسىنى چۆرىدەپ تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

2015.03.09 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئىسلاھات تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى، ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىجابىي پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپ، تەرەققىيات چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  ئېنېرگىيە ساھەسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەتلىك ئېلىكتىر تورى سىچۇن ئۆلكىلىك ئىلىكتىر شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى چۇ يەنفاڭ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى ياردەمچى كۈچ بولۇش»، « جۇڭگو ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى ئۈنۈمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» قاتارلىق بايانلارنى ئىنتايىن قوللىدى.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك ھەمدە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتىنىڭ رىقابەتنىڭ يۇقىرى ئورنى ئېكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئاساسلىق كەسىپلەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇنەن ئۆلكىلىك ئىقتىساد ئۈچۈرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى چاۋيىڭ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم كەسىپلەر ئاجىزلىشىپ قالدى. بەزى مەھسۇلاتلار ھەتتا يوقلىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلدى ھەمدە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ماتورغا ئايلاندى. جېجىياڭدا بىر تۈركۈم ئىنتىرنت تورىنى ئاساس قىلغان « ئاممىۋى ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى» جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى 118گە يەتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جېجىياڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جوۋ گوخۈي مۇنداق دېدى: بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ئايلاندى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش- ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولدى. مەملىكەلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى يىنىڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچى خەلقىنىڭ ئىجادچانلىقىدىن كېلىدۇ. 10مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن 60مىڭ يۈەنلىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىشى كېرەك، بۇ ئىقتىسادنىڭ بىر ياكى ئىككى پوئىنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شارائىتى بار ئەلئىچى كاپتالنى قانۇن بويىچە قوزغاپ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى بانكا قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى تەسس قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، بىرسى پېشىپ يېتىلسە بىرنى تەستىقلاش، چەك قويماسلىق كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى، لىندا گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى لى شاۋلىن بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرىمىز پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ شۇنداقلا پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىغا قاتناشقۇسى بار. ئەگەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسىلا، ئوتتۇرا كىچىك بانكىلار خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك ياشىرىپ كىتىدۇ، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قېيىنچىلىقىمۇ زور دەرىجىدە ھەل قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر