باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇتلۇقلاشقا تولغان ئىككى يىغىن

2015.03.10 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈننى ئۆتكۈزۈشنىڭ توغرا ئۇسۇلى «قۇتلۇقلاش».

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن. بۈگۈن 8-مارت ئاياللار بايرىمى، ئاۋۋال ئايال مۇخبىرلار، شۇنداقلا جۇڭگو دىپلوماتىيەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ئايال قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن. مەن ئاۋۋال ئايال ۋەكىللەر، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.

  تەبرىكلەش ئاخىرلاشتى، ئارقىدىن ئاياللارنى ماختاش باشلاندى. ئاياللارنىڭ ئىجابىي رولىغا قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ «ياخشى ئايال، يېرىم دۇنيا»، «ئىرادىلىك ئايال ئەتىرگۈل» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى!

  كېلىڭ، ئۆگىنىپ قويۇڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈشيەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن شۇنداقلا دائىم، شىنجاڭلىق ئايال يولداشلار شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى، ساپانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە نۆۋەتتىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، چۈنكى بالىلار ئادەتتە ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ.

  ئىچكى ۋە سىرتقى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئايال كىشى بولماق تەس. جاڭ چۈنشيەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تۆۋەندە ئولتۇرغان شىنجاڭلىق ئايال يولداشلار سىلەر ئىچكىرىدىكىلەر بىلەن ئوخشىمايسىلەر، سىرتتا قانچىلىك يۇقىرى ۋەزىپەڭلار بولسىمۇ، ئۆيگە قايتقاندا يەنىلا يولدىشىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىسىلەر، (كۈلكە) ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئەرلەر بالىنى باقىدۇ، قىسمەن ئائىلە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ، سىلەر ئۆيدە كۆيۈمچان ئايال بولىسىلەر، سىرتتا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىسىلەر، ھەقىقەتەن جاپالىق، مەن شىنجاڭدىكى بارلىق ئانىلارغا بىر پارچە خەت يېزىپ، بۈگۈن ئېلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم.

  قاراڭ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ خۇڭ بالىسىنى ئېلىپ بېيجىڭ كېلىپ يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ئەسلىدە بالىنى ئېلىپ كەلمەي دېگەن، بىراق ئانا تۇرۇپ، بالىغا مەسئۇلىيەتچان بولمىسام بولمايدۇ. مەن قىرىقىمدىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى، ئېلىپ كەلمىسەم بالام سۈتۈمدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ياخشى ئەمەس.

  بۇ كۈنى، جياڭسۇ ئۆمىكىدىكى ئايال ۋەكىللەر ئاشخانىدىكى ئايال مۇلازىملار ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئەتىرگۈلنى تىزغان، ئۇلار «دۇنيادا پەقەت ئانا ياخشى» دېگەن ناخشا بىلەن مۇلازىملارغا رەھمەت ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر