باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سوۋغا بېرىش پەسكويغا چۈشتى

2015.03.10 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى چاغان، پانۇس بايرىمىدىن كېيىن، تاماكا، ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى يىغىۋېلىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولىدۇ. بىراق زىيارەت جەريانىدا بۇ يىللىق ھاراق، تاماكا يىغىۋېلىش بازىرىنىڭ پەسكويغا چۈشكەنلىكى بايقالدى، بىر قىسىم يىغىۋېلىش دۇكانلىرىنىڭ سودىسى ئىنتايىن ئاز بولدى، ھەتتا نۇرغۇنلىرى چاغاننىڭ 15-كۈنىدىن كېيىنمۇ دۇكانلىرى ئاچمىدى. ھاراق، تاماكا يىغىۋېلىش بازىرى نېمىشقا بۇنداق پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ؟ ئىستېمال ئېھتىياجى يېتەرسىزمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟

  بىز بۇرۇن چاغان، پانۇس بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەرخىل ھاراق، تاماكا، سېتىۋېلىش كارتىسىنى يىغىۋېلىش ياكى كوچىدا تارقىتىلىدىغان ۋە ياكى يانفون ئېلانلىرىنى تاپشۇرىۋالاتتۇق. بىراق بۇ يىل، بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن ئاز بولدى. تەييۈەننىڭ كوچىسىدىكى زىيارەتتە، بىر قىسىم يىغىۋېلىش دۇكانلىرىنىڭ سودىسىنىڭ ئىنتايىن بوشلىقى، ھەتتا نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقى مەلۇم بولدى. مۇخبىر توردىكى «ھاراق، تاماكا يىغىۋالىمىز» دېگەن ئېلانلارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.

  دۇكاندارلار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ھاراق، تاماكا يىغىۋېلىش باھاسى ئۆتكەن يىلدىكىسىدىن ئومۇمەن تۆۋەنلىدى. ھاراق، تاماكىدىن باشقا، سېتىۋېلىش كارتىسىمۇ شۇنداق بولدى، چاغاندىن بۇرۇن ئەسلىدە ئاۋات مەزگىلى ئىدى، بىراق ھەرخىل سېتىۋېلىش كارتىسى، ئىستېمال كارتىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن %30-%40 تۆۋەنلىدى. سودىگەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھاراق، تاماكا سوۋغات بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىش سودىسى ئالدىنقى يىللاردا ياخشى ئىدى، ئۆتكەن يىلى نورماللا بولدى، بۇ يىل قەتئىي ياخشى بولمىدى، ئالدىراش سودىگەرلەر بۇ يىل خاتىرجەم چاغان ئۆتكۈزدى، نۇرغۇن سودىگەرلەر چاغاننىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن تىجارەت باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر