باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش تەكلىپ لايىھەسىدە تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش كۈچى زورايتىلىدۇ

2015.03.10 14:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىياسى كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومېتىتنىڭ 3-يىغىنىنىڭ تەكلىپ بېجىرىش كېڭىشىش يىغىنى سىياسى كېڭەش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى ئەلا سۈپەتلىك بىخەتەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىن ئېتىش يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى قىلىندى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى، تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ۋەكىللىرى، تەكلىپ لايھەسى كومىتېتى ئەزالىرى، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ۋەكىللىرى نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغۇنۇشىنى تىزگىنلەشتىكى جىددى تەلەپنى بايان قىلدى ھەمدە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەر بىخەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكى، تۇرمۇش سۈپىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، كېڭىشىش يىغىنىدا تەكلىپ لايھەسى بەرگەن ئەزالار ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن نۇرغۇن تەكلىپ بەردى، بۇنىڭغا قارىتا دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنسىتىرلىقى، يېزا ئىگلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئايرىم ئايرىم ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تەكلىپ لايىھەسىگە تېزدىن جاۋاب قايتۇرۇدىغانلىقى شۇنداقلا پائال تەدبىر چىقىرىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس قانۇن تۈزۈم، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، نازارەت ، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ جەھەتتىن ۋە پەن تېخنىكا سېلىنمىسى جەھەتتىن قوللاشنى ئاشۇرۇپ، بۇلغۇما سانلىق مەلۇماتىنى ئىگەللەپ، ئىلمىي تەرتىپلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر