باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

2015.03.10 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ۋەكىل، ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، پىلان ۋە خامچوت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندا، بىر قىسىم قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى ۋە قاراپ چىقتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ خوڭ مۇنداق دېدى: ئاشكارا مالىيە بەرپا قىلىشتا، خامچوتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالا تۈرلەرنى ئىمكانقەدەر ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ، پۇقرالارغا ھەر بىر پۇڭ پۇلنىڭ نەگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن پۇقرالارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، نازارەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ شىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل-تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى يېڭى خامچوت قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل، مالىيە خامچوت خىزمىتى تەدرىجىي قېلىپلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، خامچوت قانۇنىنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىپ، روزىغار ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. بۇلتۇر ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان تۇنجى يىل بولدى. مالىيە، باج، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى ئالدىن چىقىرىپ ۋە يولغا قويۇپ، خامچۇت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش لازىم. ۋەكىل، ئەزالار بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن زور ئۈمىد كۈتتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چې شياۋدۈەن بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ-ئېلىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ھەم يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ھەم خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ، زەربىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى چوڭ. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ يەن مۇنداق دەپ قارىدى: خامچوت دوكلاتىدىكى بىر قىسىم تەدبىرلەردە ناھايىتى يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قاراشنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ ئىككى يىلدىكى مالىيە، باج سىياسىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سالمىقى زور بولدى، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىگە قىلىنغان چىقىم ۋە ئۇسۇلىدا نۇرغۇن ياخشى تەجرىبە ئەندىزىلىرى بار بولدى، بۇلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ شياڭ دۆلەت كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى ۋە تاغلىق رايونلاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمىغان جايلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى كۈچەيتسە، نامرات جايلارنى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئوڭۇشسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىسا دەپ تەكلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر