باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى ‹‹ئىككى مەھكىمە›› نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئالقىشلىدى

2015.03.13 13:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى 12 – مارت ساھەلەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار: ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ دوكلاتىدا ئاساسىي تېما روشەن، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلىك بوپتۇ، بولۇپمۇ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قەتئىي زەربە بېرىش، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ دوكلاتىدىكى يارقىن نۇقتا بوپتۇ، دەپ قارىدى.

  ئەزا ماۋكەن سېيتقامزا مۇنداق دېدى: ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، جىنايەتنى قاتتىق جازالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئۇلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا قوغدىغۇچىلىق رول ئويناپتۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قانۇنغا تايىنىپ قوغداش. ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ دوكلاتىدا خەلق تۇرمۇشىغا، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان، ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان جىنايەتلەرنى قەتئىي جازالاش، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، مۇھىت بۇلغاش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ.

  ئەزا خۇ جىبىن مۇنداق دېدى: مەن ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ بۇ يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ھەقىقىي ئالقىشلايمەن. ‹‹ئىككى مەھكىمە›› نىڭ دوكلاتىدا 2015 – يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ناھەق، ساختا ۋە خاتا دېلولاردا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خاتالىرىنى جەزمەن تۈزىتىش تەكىتلىنىپتۇ، بۇ كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى ئېغىرلىتىپ جازالاش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ خەلقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  ئەدلىيە ئىسلاھاتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر سۈپىتىدە، ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ ئەزالار مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى: ‹‹ئىككى مەھكىمە›› قانۇن ئىدارە قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىغا يېقىنلىشىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەر بىر دېلودىن ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئەزا ماۋكەن سېيتقامزا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ، دېلو بېجىرىش جەريانىدا كۆپ خىل تىل – يېزىقنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئەدلىيە كادىر – ساقچىلىرىنى كۆپەيتىپ، ئەدلىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەدلىيە كادىر – ساقچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، دېلو بېجىرىش جەريانىدا تەرجىمە خاتالىقىدىن ساقلىنىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېھتىياتچان بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

  ئەزا فاتىمە ماھمۇت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قوش تىللىق كادىرلارنى كۆپرەك تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتى داۋامىدا يۇقىرى قاتلاملىق كەسىپلەرنى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر