باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خەلق نازارەتچىلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى

2015.03.12 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا «خەلق نازارەتچىلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى. ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بۇ «لايىھە»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

  «لايىھە»دە خەلق نازارەتچىلىرىنى سايلاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق نازارەتچىلىرىنى سايلايدىغان ئورگان، سايلايدىغان شارائىت، سايلاش تەرتىپى قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. لايىھەدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: خەلق نازارەتچىلىرىنى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى مەسئۇل بولۇپ سايلاش، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە تەسىس قىلغان رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق نازارەتچىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم سايلاش؛ خەلق نازارەتچىلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى بەش يىل بولۇش، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق نازارەتچىلىرى ۋە تەسىس قىلىنغان رايوندىكى شەھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق نازارەتچىلىرى ئۆز-ئارا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتۈشكە بولماسلىق؛ «لايىھە»دە يەنە خەلق نازارەتچىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىكى، ۋەكىللىكلىكىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇقرانىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن خەلق نازارەتچىلىرىنى سايلاشقا قاتناشسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداقلا يەنە ئورگان، كوللېكتىپ، كەسپىي ئورۇنلاردا سايلىنىدىغان خەلق نازارەتچىلىرى ئادەتتە سايلىنىدىغان ئومۇمىي ساننىڭ %50دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر