باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەمتىمىن ياسىن: قانۇن چىقىرىش سۈپىتى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ

2015.03.12 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-مارت چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىيىغىنى ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. 9-مارت چۈشتىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، جاڭ دېجياڭنىڭ دوكلاتىغا قاراپ چىقتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن ياسىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت دوكلاتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر