باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يىپەك يولى فوندىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش پىلانى شەكىللىنىپ بولدى

2015.03.12 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ يىپەك يولى فوندى بىر قىسىم ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك ۋەدە بەرگەن ئاپپاراتلارنىڭ پۇقراۋى مەبلىغىنى پۇرسەتنى تاللاپ كىرگۈزىدىكەن، ئالدىنقى مەزگىلدە دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ زور مىقداردىكى چەتئەل تۈر زاپىسى بايلىقى، جۇڭگو ئىمپورت ئېكىسپورت بانكىسىنىڭ مەبلەغ ۋە يول ئەۋزەللىكى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسىنى ئىشقا سېلىشقا تايىنىپ، تەڭكەش رولىنى جارى قىلدۇردىكەن، مەبلەغ ئاساسلىقى «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، پولات تۆمۈر، ئېلىكتىر، خەۋەرلىشىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەىسپ ساھەلىرىگە سېلىنىدىكەن. ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول»غا قاتنىشىدىغان ئۆلكىلەرمۇ مۇناسىۋەتلىك پىلانىنى پائال تۈزمەكتە.

  ئىگىلىنىشىچە، يىپەك يولى فوندى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي رۇيخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدا مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىلغان. يىپەك يولى فوندىنى دۆلەتلىك تاشقى پرۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو ئىمپورت ئېكىسپورت بانكىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق تۆت ئاپپارات باشلىغان، دەسلەپكى باسقۇچتا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك تاشقى پرۋۇتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقۇرىدىغان تاشقى پرۋوت زاپىسى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو ئىمپورت ئېكىسپورت بانكىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى ئايرىم-ئايرىم %65،%15،%15، %5نى ئىگىلىگەن، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كۆلەمدە 40مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پىلانلانغان. يۇقىرى چېكى يوقكەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزى بانكىنىڭ باشلىقى جوۋ شاۋچۇەننىڭ قارىشىچە، يىپەك يولى فوندى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى ئۇقۇمى بولماستىن، بەلكى ھەمكارلىق تۈرى ۋە تۈرۈشلۇق دۆلەتلەردىكى كەسىپ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ئۇنىڭ رامكىسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن مەبلەغ چىقىرىش تەلەپ قىلىنمايدىكەن، بۇ مەبلىغى بار ھەمدە ئۇزاق مۇددەت مەبلەغ سېلىش ئويى بار سۇبيېكتلارنىڭ قاتنىشىشغا قارىتىلىدىكەن.

  يىپەك يولى فوندىنى باشلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى 2005-يىلى كۆپ دۆلەتلەردە خەلقئارا كەسىپ تۈرلىرىنى باشلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى شەنشى شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جۈن مۇنداق دېدى: 1-دىن كۆپ تەرەپلىك پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىش-دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى خەلقئارا ھەمكارلىق كەسپىنىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى. 2-دىن «بىر بەلۋاغ بىر يول» دۆلەت پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۆلەت پىلانىنى تۈزۈشنى قوللاش؛ 3-تۈر زاپىسى ئامبىرى بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەت پىلانى ھەمكارلىقى ئارقىلىق بىر تۈركۈم زاپاس تۈر بەرپا قىلىش؛ ئىچىۋېتىش خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە ئارقىلىق، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ «سىرتقا يۈزلىنىشىگە، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زور تۈر قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر