باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015- يىللىق جۇڭگو A دەرىجىلىك كەسپى پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2015.03.12 13:58         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ داۋانچىڭ ناخۈەن پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2015- يىللىق جۇڭگو A دەرىجىلىك كەسپى پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈنۆگۈنچۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. 2014- يىللىق جۇڭگو A دەرىجىلىك كەسىپى پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ داۋانچىڭ ناخۈەن كوماندىسى دەرىجىدە ئونىنچى ئورۇننى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بۇ يىللىق مۇسابىقىدە ئالتە كۈچلۈك كوماندىغا كىرىشكە تىرىشىدىكەن.

  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى 2012- يىلى قۇرۇلغان خۇبىي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبىدىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى خۇبىي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا غەلبىلىك كىرگۈزۈپ، جۇڭگو A دەرىجىلىك كەسىپى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر بولغان. بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي مۈلۈك پاي چەكلىك شىركىتى كۇلۇبنىڭ %66.7 پېيىنى سېتىۋېلىپ كۇلۇبنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىللىق جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر كەسپىي پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە دالىيەن ئاربىن كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. ھاۋارايى شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ساھىبخان كوماندا مەيدانىدا بەش مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، تۇنجى ئۆز مەيدان مۇسابىقىسىنى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە يەنبىيەن چاڭبەيشەن كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى 2015- يىللىق جۇڭگو A دەرىجىلىك كەسپى پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىسىدە يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 2012- يىلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى كەسپىي پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رومىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى دانالاخ ۋە بىرازىلىيەلىك توپچى فىلىپنى كۇلۇبقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۇلۇبلاردا توپ ئويناۋاتقان ۋە شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىدىكى ماھىرلاردىن توققۇز نەپەر يەرلىك ماھىرنى كۇلۇبقا كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ ئومۇمىي كۈچىنى ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر