باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015- يىللىق شىنجاڭ «15- مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى باشلاندى

2015.03.12 13:56         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015- يىللىق شىنجاڭ «15- مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن باشلاندى. مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاپتوموبىللار بازار تاپتى.

  ئاپتوموبىل بازىرىغا پايدىلىق بولغان ماي باھاسى تۆۋەنلەش، ساييولى ۋە تاشقى ئايلانما يولىدا يول يۈرۈش ھەققىنى بىكار قىلىش قاتارلىق خەۋەرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، نۇرغۇن ئىستىمالچىلار ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى كەلدى. گاز قويۇپ بېرىش مىقدارى تۆۋەن بولغان مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاپتوموبىللار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇنجى تاللىشى بولۇپ قالدى. بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق دېدى: «ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، گاز قويۇپ بېرىش مىقدارى تۆۋەنرەك ئاپتوموبىلنى تاللايمىز. مۇھىتنى ئاسراشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.»

  كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلارمۇ تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاپتوموبىللارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى خوندا تەييى سېتىش ئورنىنىڭ دېرىكتورى خې يۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر، ھەممە ئادەم مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاپتوموبىللىرىمىز كۆپلەپ بازارغا سېلىنماقتا. بىزنىڭ بەزى ئاپتوموبىل تىپلىرىمىز دۆلەتنىڭ 5- دەرىجىلىك قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتتى.»

  مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بازار تېپىشىغا ئەگىشىپ، لېكساس تيەنخۈي خۇاتۇڭ سېتىش ئورنى بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، ئارىلاشما ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 3نى كۆرگەزمىگە قويدى. شىركەتنىڭ باش نازارەتچىسى جۇۋ شۈشيا مۇنداق دېدى: «مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئارىلاشما ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى %40نى ئىگىلىدى. ئارىلاشما ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىمۇ ئىلگىرىكىدىن ئاشتى. كۆپچىلىكنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئۆستى. سېتىش مىقدارىغا نىسبەتەن ئىشەنچىمىز تولۇق.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر