باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەھەللىمىز يورۇق مەھەللە دەپ ئاتالدى

مۇيەسسەر خېلىل

2015.03.12 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ___ ئىلگىرى مەھەللىمىزنى كىشلەر قاراڭغۇ مەھەللە دەپ ئاتايتتى، چۈنكى بۇ كەنت چەت ھەم ئاھالىلەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا 10 ئائىلىگە تېخى توك تارتىلمىغان ئىدى . مانا كەنتىمىزگە كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسدىكلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆيىمىزگە توك كەلدى. ئەمدى بىزمۇ باشقىلاردەك ئېلېكترونلۇق ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان، تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدۇق. خىزمەت گۇرۇپپىسدىكلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا قاراڭغۇ مەھەللە دېگەن نامدىن قۇتۇلۇپ مەھەللىمىز يورۇق مەھەللە، دەپ ئاتالدى ___ دېدى توققۇزتارا ناھىيە ئاغارسىن بازىرى تايتۇغان كەنت 4-گۇرۇپپىسىدىكى ساتىۋالدى جۇمابەك خۇشال ھالدا .

  توققۇزتارا ناھىيە ئاغارسىن بازىرى تايتۇغان كەنتى ناھىيە مەركىزىدىن 30 نەچچە كلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتكە ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپ، ناھىيەلىك پەن – تېخنىكا ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق پونكىتىدىن چۈشكەن ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكلەر ئاۋال بۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممسىىغا پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتى شۇنداقلا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دېھقان – چارۋىچىلارغا چىقارغان 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى توغرىسىدا 7 قارار كۇرس ئېچىپ ئاممىغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ئۇرۇقچىلىق پونكىتىدىن چۈشكەن خادىملار كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش، ئۇرۇق تاللاش، سورتنى يېڭىلاش قاتارلىق تېمىلاردا تەربىيەلەپ، ئاممىنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسدىكلەر يەنە كەنت كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ، كەنتنىڭ 2- گۇرۇپپىسىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاسىيە، توقاش ئائىلىسىگە 7500 يۈەن ياردەم قىلدى. ئەتىياز پەسلىدە يەنە قىينچىلىقى بار 20 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 200 يۈەنلىك ھال سوراش ماددى بۇيۇمى تارقىتپ بەردى.

  بۇ كەنتنىڭ 1-گۇرۇپپىسدىكى 10 ئائىلىگە توك تارتىلمىغان ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكلەر بۇ ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ناھىيەلىك توك تەمىنلەش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ 60 مىڭ يۈەن چىقىمنى 30 مىڭ يۈەنگە چۈشۈرۈپ، ھەر بىر ئائىلە مىڭ يۈەندىن، كەنت ئاھالىلار كومىتېتى 5 مىڭ يۈەن، خىزمەت گۇرۇپپىسى 15 مىڭ يۈەن چىقىرىپ بۇ 10 ئائىلگە توك تارتىپ ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇردى .

  خىزمەت گۇرۇپپىسدىكلەر يەنە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ 1.5 كلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تىنىپ كەتكەن ئۆستەڭنى قايتىدىن قېزىپ راۋانلاشتۇردى. ناھىيەلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشپ كەنت ئاھالىلار كومىتېت ئىشخانىسى، ساقچىخانا، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا تور يەتكۈزۈپ كەنتنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقى ۋە تۈرلۈك ئالاقە ئىشلىرىغا قولايلىق ياراتتى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر