باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆڭمەھەللىدە كۆرگەنلىرىم _ زىيارەت خاتېرىسى

مۇيەسسەر خېلىل

2015.03.12 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى تەرىپىگە قاڭالتىر ئۆگزىلىك زامانۋى ئۇسلۇپتىكى قاتار –قاتار تۇرالغۇلار سېلىنغان رەتلىك كوچىلار، ئازادە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان دېھقان ھويلىلىرى، كەنت ئاھالىلار كومىتېت ھويلىسدىكى چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە چېنىقىۋاتقان، توپ ئويناۋاتقان ياشلار، كەنت قىرائەتخانىسىدا كىتاب كۆرۋاتقان دېھقانلار ... مانا بۇ مەن توققۇزتارا ناھىيە دۆڭمەھەللە بازىرى دۆڭمەھەللە كەنتىگە مۇخبىرلىققا بارغاندا كۆرگەن تۇنجى كۆرۈنۈشلەر .

  توققۇزتارا ناھىيە دۆڭمەھەللە بازىرى دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كلومېتىر بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 8 مىللەتتىن بولغان 997 تۈتۈن، 4102 جان بۇ كەنتتە ئىناق-خاتىرجەم ياشايدىكەن. مەن بۇ كەنتتە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كەنت تەرەققىياتىغا تۈرتكە قىلغانلىقىنى، ئاممىنى تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرىدىن مەنپەتلەندۇرۇش بىلەن بىللە ئۆز جايىنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن، ياڭاق ساي مەنزىرە رايونىغا بېرىشتكى ئۆتەر يول بولۇشتەك ئارتۇقچلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى تۈرلۈك ئەۋزەل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ كىرىمنى ئاشۇرغانلىقىنى ئىگلىدىم.

  2014-يىلى كەنتتىكى 819 ئائىلە دۆلەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 442 ئائىلە يېڭىدىن ئەمىن ئۆي ياساپ 35 مىڭ يۈەندىن ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىمسىدىن مەنپەئەتلىنىپتۇ. ھازىر بۇ ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك سېلىنىپ بېزەلگەن ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. قالغان 377 ئائىلە ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساش جەريانىدا يەنە 18 مىڭ يۈەندىن تولۇقلىمىغا ئېرىشىپتۇ. بۇلتۇر كەنتتە 14 كلومېتىر يول ياسىلىپ، 10 كلومېتىر سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، 3 كلومېتىر سۇ سىڭمەس ئېرىق ياسىلىپ كەنتتىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلگەن

  ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرى تاماملىنىپتۇ.

  دۆڭمەھەللە كەنت پارتىيە ياچىيكىسى ئاممىنى بېيىش يولىغا باشلاشتا ئۆز يىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئاممىنى قۇلۇپنىك (بۆلجۈرگەن)، مەنزىرە كۆچىتى يېتىشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇش شەكىلىنى تاللاپتۇ. كەنتتە 2004- يىلى قۇرۇلغان فۇلىن كۆچەت يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ ئەزالىرى ھازىر 27 گە يېتىپ مەنزىرە كۆچەت كۆلىمى 500 موغا ،ئىقتىسادىي ئورمان كۆچەت كۆلىمى 300 موغا يەتكەن بولۇپ، كۆچەتخانىنىڭ ئايال خۇجايىنى جۇڭ فاڭخۇەي «ھەر يىلى كۆچەت يېتىشتۇرۇش-پەرۋىش قىلىش مەزگىلىدە كۆچەتخانىمىزدا 70 تىن ئارتۇق ئايال ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەنتىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاچا–سىڭىللار. ئۇلارنىڭ ئالدىنىڭ ئىشلەۋاتقىنىغا 10 يىل بولدى. بەزىلەر ئۆز ئالدىغا كۆچەت يېتىشتۇرۇدىغان بولدى. بىز ئۆزارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە بېيىش يولىغا مىڭىۋاتىمىز» دىدى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ .

  مەن زىيارەت داۋامىدا يەنە بۇ كەنتتىكى قۇرۇلغىنىغا 5 يىلدىن ئاشقان 5 مىللەتتىن تەركىب تاپقان «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپىنىڭ دەسلەپكى 12 مېھرىبان ئانىدىن ھازىر 107 گە يەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا توققۇزتارا ناھىيە تەۋەسىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاممىسى، قىيىنچىلىقى بار كىشلەر، قىيىنچلىقى بار ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان ياردىمىنىڭ 180 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ،

  ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ 47 گە يەتكەنلىكىنى، بۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ مېھىر – مۇھەببەتلىك قەلبى باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن بەلكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيى ئىدىيەنى تۈگىتىشتە ئاكتىپ تەشۋىقاتچلاردىن بولۇپ، ئانىلارنىڭ ئۇلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەنتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاۋانگارت ئەترەتكە ئايلانغانلىقىنى ئىگلدىم.

  ___ كەنتىمىزدە ئىلگىرى ياشلار ئارىسىدا بىكار بولىسلا جېدەل- ماجرا سېتىۋالىدىغانلار بار ئىدى. كەنت ئىككى كومىتېتى كەنتمىزدىكى 80 –، 90 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارغا بولغان تەلىم – تەربىيەنى كۈچەيتىپ ئۇلارنى تۈرلۈك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش ئارقىلىق كەنتىمىزدە ھازىر ھەر مىللەت ياشلاردىن تەشكىللەنگەن ۋالىبول كوماندىسىدىن 2سى ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن 2سى، پۇتبول كوماندىسىدىن 3ى قۇرۇلۇپ، مانا ھازىر كۆرۋاتقىنىڭىزدەك قىزغىن كەيپىيات شەكىللەندى ___ دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەخرىنىسا ھەدە كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ ھويلىسدا ۋاسىكېتبول ئويناۋاتقان بىر توپ ياشلارنى كۆرسىتىپ .

  ___ كەنتمىزدە يەنە سۇڭ گوجۇ غا ئوخشاش بېيىش باشلامچلىرى بار. سۇ گوجۇ دەسلەپتە ئىچكىرىدىن ئەكەلگەن 3 تۈپ قۇلۇپنىك مايسىسىنى قاچىغا تىكىپ، ئاندىن ئەتراپىدىكى 10 پارتىيە ئەزاسى بىلەن بۇنى ھويلىسىغا تىكىپ سىناق قىلىپ كۆپەيتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى يۇرتداشلارمۇ تېرىپ بېيىش يولىغا ماڭدى، ھازىر كەنتىمىزنىڭ قۇلۇپنىك يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 1500 موغا، ھەمكارلىق كوپېراتىپ ئەزالىرى 157 گە يېتىپ، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىقىدا قۇلۇپنىك يېتىشتۈرۈدىغان

  ئۇيغۇر دېھقانلارمۇ 10 نەچچىگە يەتتى. قۇلۇپنىك تېرىغان دېھقانلىرىمىز مو بېشىدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. قۇلۇپنىك تىرىقچىلىقىدىن كىرىدىغان يىللىق كىرىم 15 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ___ دىدى پەخرىنىسا ھەدە يەنە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ .

  شۇنداق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلارغا قاراتقان ئەۋزەل سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكسىدە يېزا – كەنتلەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ھازىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ يېڭىچە يېزلاردىكى يېڭىچە دېھقانلارغا ئايلىنىپ ھاللىق تۇرمۇشقا يېتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا باسماقتا.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر