خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن يېقىندا ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستىنئاتۇش بازىرىدا «چاقماق دەريا ئادۋوكاتلىق لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. سەككىز كۈن داۋاملاشقان مۇسابىقىگە بازار تەۋەسىدىكى 16 كەنت كوماندىسى قاتناشتى.كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق دىخانلار كەنتىنىڭ كوماندىسى چېمپيون بولدى.
سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈش
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى