باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر ئۆمىكى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئورتاق ئاتلىنايلى

2015.03.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل گېساڭجۇگا(زاڭزۇ) شىزاڭ لاسا شەھىرى چېڭگۇەن رايونى ناما يېزىسى تاما كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى

  جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى خەلقنىڭ بەختى

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە «قوش بايرام»نى كۈتۈۋېلىپ خەنزۇ، زاڭزۇ مىللىتى بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ھەممە ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىق بايراق، ئىشىك ئالدىغا ئېگىز قىلىپ قىزىل پانۇسلار ئېسىلدى، ھەر تەرەپتىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ، بايراملىق قىزغىن كەيپىياتقا تولدى، بۇنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۆھپىسى.

  كەنتىمىزدىكى ئائىلىلىكلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10540 يۈەنگە يەتتى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىق داۋالىنىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلاپ، 60 ياشتىن يۇقىرى 164 ياشانغان كىشى ھۆكۈمەتنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىلەندى. كىشىلەرنىڭ مۇقىملىقنى، بېيىشنى ئويلىشى شىزاڭلىقلارنىڭ جەمئىيەت ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى. ھەر مىللەت ئىناق ئۆتۈپ، ئورتاق بېيىپ ھاللىق سەۋىيىگە ئاتلىنىش شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر