خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىنىڭ ياۋاغ كوچا باشقارمىسى بەختباغ مەھەللىسى تۆت يىلدىن بۇيان مەھەللىدە «كۆچمە نوپۇستىكى بالىلارىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى» تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاتا-ئانىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان 61 نەپەر بالىنى بۇ مەركەزدە ئۇسسۇل، كومپيۇتېر، خەنزۇ تىلى قاتارلىق كۆپ خىل بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە قوبۇل قىلىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلدى.
سۈرەتتە: شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى ئايتىللا بالىلارغا ئۇسسۇل ئۆگەتمەكتە.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى