باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېچىكتۈرۈپ پېنسىيىگە چىقىش سىياسىتى ئىندىنقى يىلى يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن

2015.03.11 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىۋاتىدۇ، مەيلى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ياكى شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بولسۇن ھەممىسىدە كىرىم چىقىمدىن كۆپ بولۇپ، تەمىناتىنىڭ تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن يەنە ئازراق قالدۇق قالدى.

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: يېغىش-تاپشۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، تەدرىجىي كېچىكتۈرۈپ پېنسىيىگە چىقىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، كۆپ تەرەپتىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى تەييارلاپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قالدۇق فوندىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاساسىي لايىھەسى تۈزۈلۈپ بولدى، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا تەرتىپ بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە، ئاممىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، تۆۋەندىكى پرىنسىپلار بويىچە مەبلەغ سېلىنىدۇ: بىرىنچى، بازارلاشتۇرۇش پرىنسىپى، ئىككىنچى، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى، ئۈچىنچى، نىسبەتەن مەركەزلىك تىجارەت قىلىش، تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. ئۇنىڭدىن باشقا، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش يۆنىلىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كېچىكتۈرۈپ پېنسىيىگە چىقىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. كېچىكتۈرۈپ پېنسىيىگە چىقىش لايىھەسىنىڭ بۇ يىل تۈزۈپ چىقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كېلەر يىلى مەركەزنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىنسا، توپلانغان پىكىرلەرگە ئاساسەن تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن ئىندىنقى يىلى رەسمىي يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر