باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى تۇ خۇيلۇڭ: راكقا قارشى جاننى قۇتقازغۇچى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك

2015.03.11 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانداق قىلغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار قىممەت پۇللۇق «جاننى قۇتقازغۇچى دورىلار»نى ئىشلىتەلەيدۇ؟ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى تۇ خۇيلۇڭ بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە بۇنىڭغا قارىتا مەخسۇس تەكلىپ سۇندى.

  يېقىندا «راكقا قارشى دورىلارنى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى» لۇ يۇڭنىڭ قولغا ئېلىنىشى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. تۇ خۇيلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىش بىر «ئەپسۇسلىنارلىق ئەمەلىيەت»نى كۆرسىتىپ بەردى، بىر تەرەپتىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ھاياتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئاغرىقلار بارغانسېرى كۆپەيدى يەنە بىر تەرەپتىن راكقا قارشى دورىلارنى توغرا يولدىن سېتىۋالسا ئىنتايىن قىممەت، سېتىۋېلىشقا مادارى يەتمەيدۇ، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق سېتىۋالسا قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ.

  لۇ يۇڭ ھازىر قويۇپ بېرىلدى، قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەر «گلېۋېك»نى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇ خۇيلۇڭ مۇنداق دېدى: راكقا قارشى «جاننى قۇتقازغۇچى» تېخىمۇ كۆپ دورىلارنى، بولۇپمۇ ئىمپورت قىلىنغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش يەنىلا ئىنتايىن قىيىن بولىۋاتىدۇ. «بۇ دورىلارنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈستىگە ئالالمايدۇ» دېيىش داۋالىنىش تارماقلىرىنىڭ بىردەك سەۋەبى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر