باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى

2015.03.11 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىستقبالى زور

  ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋېتىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ، يۈەن لېي، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاراپ چىقىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، چۈشتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي يىغىن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋېتىلدى.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش تېخى باشلانماستىنلا، مۇخبىرلار تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلىشقا باشلىدى. خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى( CNN )، ياپونىيە تارقىتىش جەمئىيىتى (NHK) قاتارلىق 140 نەچچە تاراتقۇنىڭ 230دىن كۆپ مۇخبىرى يىغىن مەيدانىغا بالدۇرلا كېلىپ، فوتو ئاپپارات ۋە كامېرالىرىنى توغرىلاپ، ئەڭ ياخشى ئورۇننى ئىگىلەپ تەق بولۇشتى. سائەت توققۇزلاردا قاراپ چىقىش باشلاندى، شۆھرەت زاكىر، ليۇ شىنچى، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، جاۋ چىڭ، ماھىنۇر نىياز قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى.

  ئومۇمىي يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋەكىللەر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر