باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «بەخت ئىشىكنى چەكمەكتە» ناملىق كومىدىيە فىلىمى تۇنجى قېتىم قۇيۇلدى

2015.03.12 13:54         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «بەخت ئىشىكنى چەكمەكتە» ناملىق كومىدىيە فىلىمى 10- مارت چۈشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم قۇيۇلدى.

  «بەخت ئىشىكنى چەكمەكتە» ناملىق كومىدىيە فىلىمىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قانچەيلەننىڭ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ «سەمەت ئۆرۈكى» كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ھىكايىسى سۆزلەنگەن. بۇ فىلىم ئازادە، جانلىق ھەمدە كومىدىيە شەكلىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتەك روھىي قىياپىتى نامايەن قىلىنغان. فىلىم رېژىسسورى يەن چىڭشيۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغىنىغا كۆپ يىللار بولدى. شىنجاڭ ھازىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى ياشلار يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. مەدەنىيەت - سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭنى نامايەن قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار، دەپ قارايمەن.

  بۇلتۇر 7- ئايدا، مەزكۇر فىلىم يېڭىسار ناھىيىسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، باش پىرسۇناژ سەمەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھىكايىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. فىلىمدا سەمەتنىڭ رولىنى ئالغان ياش ئارتىس ئابلىكىم ئابلەت بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە سەمەتكە ئوخشاش ياشلار ناھايىتى كۆپ. بۇ فىلىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ مەيلى قەيەردە ئوقۇسۇن، كەلگۈسى قەيەردە تەرەققىي قىلسۇن سەمەتتىن ئۆگىنىپ يۇرتىغا تۆھپە قوشۇشى دەۋەت قىلىنغان.

  «بەخت ئىشىكنى چەكمەكتە» ناملىق بۇ فىلىمدا ئويغۇر مىللىتىنىڭ «چاقچاق» ئارىلاش تىل ئالاھىدىلىكى قوللىنىلغان بولۇپ، ئازادە ھەم يۇمۇرىستىك كەيپىيات ياش تاماشبىنلارنى جەلپ قىلدى. تاماشىبىن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ، ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ بىر خىل مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنىپ كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. بۇ يىل مەن ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن. بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتىكى 4 يىللىق ھاياتىمنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر