باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنتكە قايتقاندىن كېيىن مەنمۇ مۇشۇنداق سۆزلەيمەن

2015.03.12 13:52         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ 3- تۈركۈمدىكى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قابىللىرى ۋە ئەلئارا تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئوقۇش باشلىدى. 1- سائەتلىك دەرس-- ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كاندىدات كۈزەتكۈچىسى شېن جيەنخۇانىڭ «ئاساسىي قاتلامدا، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى قانداق تەشۋىق قىلىش كېرەك؟» دېگەن ماۋزۇدىكى لېكسىيەسى بولدى.

  شېن جيەنخۇا-- جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا چوڭ بولغان بولۇپ، كەنتتە خىزمەت قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىدى. ئۇ تۇرمۇشتىن مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى جانلىق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا، كۇرسانتلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، كىشىلەر ئاپتاپ كۆرگەن ئەركەك سۇ ئىچىمىز، تورۇبا سۈيى ئىچمەيمىز دەيتتى. ھازىر، ھەممە ئادەم تورۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدى. بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى كۆز قاراش ئۆزگەرگەن يەردە، باشقا جەھەتلەردىكى كۆز قاراشنى نىمىشقا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. قالاق مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرىۋېلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟»

  ئوقۇتقۇچىنىڭ جانلىق ۋە چۈشىنىشلىك بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۇرسانتلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. مارالبېشى ناھىيەسىدىن كەلگەن كۇرسانت شىرئەلى ئەيسا مۇنداق دېدى: «مىساللار ناھايىتى ياخشى ئېلىندى. ئوقۇتقۇچىدىن مىسال كەلتۈرۈشتە يەنە قانداق ئۇسۇللارنى سورىغۇم بار. بۇ ئۇسۇللارنى ئۆگىنىپ كەنتكە قايتقاندىن كېيىن مەنمۇ مۇشۇنداق سۆزلەيمەن.»

  پىچان ناھىيەسىدىن كەلگەن كۇرسانت خەيرىگۈل ئەلى مۇنداق دېدى: «دەرسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لوگىكا قاتلىمى توغرىسىدا ئېنىق تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، دەرسنى قاتلاملار بويىچە سۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلدىم. كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، مۇشۇ جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر