باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندا ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر ناھايىتى چىرايلىق ئىشلەنگەن چىمەن دوپپا كىيگەن ئىدى

2015.03.12 13:50         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىمەن دوپپا-- شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى بولۇپ، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى مۇھىم سورۇنلاردا چىمەن دوپپىلارنى كىيدى. بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا ئاقتۇ ناھىيىسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەيھانگۈل ئىمىر ناھايىتى چىرايلىق ئىشلەنگەن چىمەن دوپپا كىيگەن ئىدى.

  رەيھانگۈل ئىمىر بۇ قېتىم كىيىپ كەلگەن چىمەن دوپپىلار قولدا تىكىپ كەشتىلەنگەن بولۇپ، بۇ چىمەن دوپپىلارغا گۈزەللىك ۋە ئىتتىپاقلىققا سىمىۋول قىلىنغان ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چېكىلگەن ئىدى. رەيھانگۈل ئىمىر بۇ چىمەن دوپپىلارنى سۇلياۋ بۇيۇملىرى بىلەن چىرايلىق ئوراپ، ئۆزى تۇرىۋاتقان ياتاقنىڭ كىيىم ئىشكابىنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويغان ئىدى، ئۇ مۇخبىرغا چىمەن دوپپىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ چىمەن دوپپىلاردىكى ھەر بىر گۈل نۇسخىلىرى ئوي- پىكىرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ چىمەن دوپپىنى دادام سوۋغا قىلغان، بۇنى بولسا ئانام ماڭا ئاتاپ تەييارلىغان، بۇلار يەكەننىڭ چىمەن دوپپىسى، بۇنى يەكەنگە بارغاندا سوۋغا قىلغان ئىدى. مەن مۇشۇ چىمەن دوپپىلارنى كىيگىنىمدە يۇرتۇمدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنىڭ ھاۋالىسى ئېسىمگە كېلىدۇ. مەن ھەر قېتىم يىغىنغا قاتنشىشقا ماڭسام دادام بەك خوشال بولىدۇ، ماڭا، قىزىم يولدا دىققەت قىلىڭ، ئەڭ مۇھىم ئىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، بىز سىزنى سايلاپ چىققان، پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كۆپرەك تىلغا ئېلىڭ دىگەندە، مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، دىدىم. رەيھانگۈل ئىمىر يەنە، مەن يىغىن مەزگىلىدە مۇشۇ چىمەن دوپپىلارنى چوقۇم كىيىپ كىرىمەن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر