باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ج خ ساقچىلىرىنىڭ قۇربان بولۇش نىسبىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەرنىڭ 5.4 ھەسىسگە توغرا كېلىدۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ %95ى ئالدىن تارمار قىلىنغان

2015.03.11 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن شىنجاڭ ئاپتونوم پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن(سولدا)ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىنى مۇخبىرلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى توغرىسىدا سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. «شىنجىڭ گېزىتى» مۇخبىرى چېن جيې فوتوسى

  «شىنجىڭ گېزىتى» خەۋىرى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىۋىتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بەزى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار چېگرىدىن چىقىپ ئەسەبىي تەشكىلات IS قاتناشقاندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ زورۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پىلانلىغان. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر «تېررورلۇققا زەربە بەرگەنسېرى تېررورلۇق ئەدەپ كېتىش» دېگەن قاراش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپەيمەستىن، بەلكى بارغانسېرى ئازىيىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ، شىنجاڭلىق بىر ۋەكلنىڭ ئېيتقىنىدەك«شىنجاڭ زور بەدەل تۆلىدى».شىنجاڭنىڭ ج خ كادىر، ساقچىلىرىنىڭ قۇربان بولۇش نىسبىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ج خ كادىر ساقچىلىرىنىڭ قۇربان بولۇش نىسبىتىنىڭ 5.4 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ; 2014- يىلى شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن 230 نەچچە كىشى خىزمەت ئورنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى، بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سانىدىن كۆپ؛ شىنجاڭدا قۇربان بولغانلار مەملىكەت بويىچە قوربان بولغانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى %95 ئالدىن بايقىلىپ، ئالدىن تارمار قىلىندى. مەخسۇس تەھقىقلەش ئورگانلىرى بايقىغاندىن سىرت، مۇتلەق كۆپ ئۇچۇرلارنى ئامما تەمىنلىگەن، بولۇپمۇ تېررورچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە قوشنىلىرى تەمىنلىگەن، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زورۋانلىق، تېررورلۇق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۈشمىنى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر