باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تىزگىنلىگىلى بولىدۇ

2015.03.11 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئىزچىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى ئېچىۋېتىلگەن كۈندە مۇخبىرلار يەنە مۇقىملىق ۋەزىيىتى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ۋەكىللەردىن سوئال سورىدى.

  جاڭ چۈنشيەن سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى مۇقىم، تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. شىنجاڭ ھازىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قۇترىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولۇۋاتقان «ئۈچ دەۋر گىرەلەشكەن» مەزگىلدە تۇرىۋاتىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى خېلىلا مۈشكۈل. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىر ۋە ئامما ئۇزۇندىن بۇيان دادىل زېممىسىگە ئېلىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە قان-تەر تۆكتى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى سەرپ قىلدى، بەزىلەر ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: بىخەتەر! خاتىرجەم بارساڭلار بولىدۇ، دېدى.

  جاڭ چۈنشيەن يەنە: شىنجاڭغا بارغانلارنىڭ ھەممىسى «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ: شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىڭلارنى، گۈزەل شىنجاڭنى چۈشىنىپ بېقىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر