باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كارخانا ئاساسىي گەۋدە، بىرلەشكەندە تەڭ پايدا ئالغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ زور ئىستىقبالغا ئىگە

2015.03.11 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر بەلباغ، بىر يول» «ئىككى يىغىن»دا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى، ئېچىۋېتىش كۈنىدىكى مۇخىبرلارنىڭ تۇنجى سۇئالىمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ سورالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئالدى بىلەن جاڭ چۈنشيەندىن: مەركەز «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى يادرولۇق رايونىنى قۇرۇشتا قانداق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ دەپ سورىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنى قۇرۇش مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارار بولۇپ، قەدىمقى يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق، يىپەك يولى بويىدىكى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، لىنىيە بويىدىكى ئەللەرنىڭ جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك ئىقتىساد پويىزىغا چىقىش ئارزۇسىغا ماسلىشىدىغان، شۇنداقلا لىنىيە بويىدىكى ئەل خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان بۈيۈك قۇرۇلۇش.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ۋە يادرولۇق رايونى. شىنجاڭ ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك 1-تۈركۈمدىكى پورتتىن 17سى ۋە قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بار. شىنجاڭ بىلەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى گىرەلەشكەن، كىشىلىك مۇناسىۋىتى يېقىن بولۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، ھەم قوشنا دۆلەتلەرگە، ھەم لىنىيە بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا ئالاھىدە يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئالاقىدار تەتقىقاتقا خېلى بۇرۇن تۇتۇش قىلىپ يىرىك پىلان تۈزدى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا مەركىزى، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە ساقلىقنى ساقلاش-داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۈرئەتنى تېزلەتتى. بۇلتۇر ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىكى شەھەرلەرگە نۆۋەتچى يۈك ئايروپىلانى ۋە تۆمۈر يول لىنىيەسى ئېچىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ماللىرى شىنجاڭ ئارقىلىق ياۋروپاغا 16 كۈندىلا يەتكۈزۈلىدىغان بولدى. بۇ يىل يەنە ئۈرۈمچىدە كونتېينېر پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ۋە ئىچكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ماللىرى بۇ يەردە قايتىدىن گۇرۇپپىلىنىش، بىرلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن، تېخىمۇ ئىلىمىي بولۇشىغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇشتا كارخانا ئاساسىي گەۋدە، بازار ئېھتىياجى ئاچقۇچ، ئورتاق پايدا ئېلىش نىشان، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ جەھەتتە خېلى ياخشى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئالاھىدە ترانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى، گۇاڭخۇي گۇرۇھى، «سەنيى» ئېغىر سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى، «شەرق شامىلى» ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم كارخانىلار گرۇزىيە، قازاقسىتان، تاجىكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە سانائەت رايونى قۇردى. بۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشتا كارخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلاشقاندىلا تەڭ پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ زور ئىستىقبالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر