باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئامما ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى

2015.03.11 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەش بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى، بۇ ئىش دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. خەلق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېيدىن سوئال سورىدى.

  خۇاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: 2010-يىلى مەركەزنىڭ 1-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇدا ئالتە يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر يىلى ٪70تىن كۆپ جامائەت مالىيە مەبلىغى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى. شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئەڭ تېز ياخشىلانغان دەۋرگە قەدەم قويدى. مەسىلەن: شىنجاڭ ئۇدا تۆت يىل تىرىشىپ، ھەر يىلى دېھقان، چارۋىچىلارغا 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى قاتارلىقلار زور دەرىجىدە ياخشلاندى. 2015-يىلى يەنە 300 مىڭ يۈرۈش سېلىپ بەرمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى، دېھقانلارنىڭ ساپ كىرىمىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ھەر مىللەت ئامما مەركەزنىڭ غەمخورلۇقى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر