باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىلدى

2015.03.11 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇمرۇغ تورىنىڭ مۇخبىرى شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

  شۆھرەت زاكىر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى زەھەرلىك ئۆسمە. زوراۋان-تېررورچىلار ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى، ئۇلارغا چوقۇم قانۇن بويىچە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. بۇلتۇردىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىپ، دۈشمەنلەرنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئەلرايىنى مايىل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىدۇق.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش بىلەن بىللە يەنە «ئىككى قولدا تۇتۇش»قا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قولدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي، يەنە بىر قولدا ھەر مىللەت ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنىمۇ چىڭ تۇتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەمەلىيەت جەريانىدا «بەش ئاچقۇچ»نى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە مەسىلىسىنى ئىدىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەدەنىيەت مەسىلىسىنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلدى، ئادەت مەسىلىسىگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلدى، دىن مەسىلىسىنى دىننىڭ قائىدىسى بويىچە ھەل قىلدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەسىلىسىنى قانۇن بويىچە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلدى. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى يولغا قويساقلا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  چې جۈن، لى شۆجۈن، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىق ۋەكىللەر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر