باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ يۇڭكاڭ دېلوسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى

2014.11.02 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «مەمۇرىي دەۋا قانۇنى» ماقۇللاندى. دائىمىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ بىشىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىن چۇنيىڭ، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيا يۇڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، بۇ قېتىملىق قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا مەزكەزلىك چۈشەندۈرۈش بەردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ بىشىن جوۋ يۇڭكاڭ دېلوسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

  شياڭگاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى: بايا خەلقنى زىيارەت قىلىش تىلغا ئېلىندى، بىز خەلقنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بەزى ئەرز ياكى تەلەپلەرنى تاپشۇرۇۋالدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى جوۋ يۇڭكاڭغا چېتىلىدۇ. ھازىر كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا، شۇنى سوراپ باقسام، ئۇنىڭ دېلوسى سوتقا تاپشۇرۇلامدۇ؟ ئەگەر تاپشۇرۇلسا، ئوچۇق سوت ئېچىلامدۇ-يوق؟ رەھمەت.

  جياڭ بىشىن: ئەگەر تەپتىش ئورگانلىرى ئەرز قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا شۈبھىسىز سوت ئېچىلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر