باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-لائوس پارتىيەلىرىنىڭ 3-قېتىملىق نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2014.11.03 14:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 31-ئۆكتەبىر جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لائوستا زىيارەتتە بولۇپ، لائوس خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى چوممالى بىلەن كۆرۈشتى. «سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش تەجرىبىسى» باش تېما قىلىنغان 3-قېتىملىق جۇڭگو-لائوس پارتىيەلىرى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى تۈنۈگۈن ۋېنتياندا ئېچىلدى. ليۇ چىباۋ بىلەن لائوس خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بېنتوڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەتلىك دوكلات بەردى. ليۇ چىباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر. بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ خوجايىنلىقى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر