- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قازاقىستان چەتئەلگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان قازاقىستان پۇقرالىرىنى تەكشۈرىدۇ
2014.10.31 15:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
قازاقىستاننىڭ باش تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن خەۋەر ئېلان قىلىپ: قازاقىستاننىڭ قىسمەن پۇقرالىرى ئافغانىستان، ئىراق، سۈرىيە ۋە ئۇكرائىناغا بېرىپ شۇ جايدىكى ئۇرۇشقا قاتناشتى دېدى ھەمدە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بولىۋاتقان رايونلارغا بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش غەرىزى بولغان ياكى قاتناشقان قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قازاقىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دېدى: ئورگىنىمىز ئىگىلىگەن ئاخباراتقا ئاساسەن، ھازىر ئافغانىستان، ئىراق، سۈرىيە، ھەتتا ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبى رايونىدا قازاقىستانلىقلار شۇ جايدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. قازاقىستاننىڭ قانۇن قوغداش ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس ئورگانلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى ھەمدە قىسىمەن كىشىلەرنى ئەيىبلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر