باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>پائالىيەتلەر

 شى جىنپىڭ 2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2014.10.31 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئىقتىسادىي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ پىڭ 30-ئۆكتەبىر ئۇچۇر ئېلان قىلدى، ئۇچۇردا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان 2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن ۋە ئاساسىي مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.

  يۈ پىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە ئۇچرىشىش يىغىنى تەشكىلات كومىتېتى باشقا 20 نەچچە ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ رەھبەرلىرىنى (ئىقتىسادىي رەھبەرلەر ۋەكىللىرى) يىغىنغا قاتنىشىشقا پائال تەكلىپ قىلغان. بۈگۈنگە قەدەر، ئامېرىكا، يېڭى زىللاندىيە، چىلى، پېرۇ، ھىندونېزىيە، ۋيېتنام، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى، ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ، قاتارلىق كۆپلىگەن ئىقتىسادىي گەۋدە باشلىقلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، قالغان ئىقتىسادىي گەۋدە باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش-قاتنىشالماسلىق ئەھۋالى نۆۋەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە، تەشكىلات كومىتېتى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدىكەن.زۇ جېپېڭ، ۋاڭ شياۋبو خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر