- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈچ خىل ئەھۋالدا پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولمايدۇ
2014.11.02 16:29 مەنبە: خەلق تورى
ھەق تەلەپ قانۇنى ساھەسىدىكى تۇنجى قانۇن چىقىرىش ئىزاھاتى مەيدانغا كەلدى
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 99-ماددا 1-تارمىقى ۋە تويلىشىش قانۇنىنىڭ 22-ماددىسى ھەققىدىكى ئىزاھاتنى ماقۇللىدى.
ئىزاھاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇقرالارنىڭ ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ھوقۇقى ھەق تەلەپ پائالىيىتىگە تەۋە، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 99-ماددا 1-تارمىقىدىكى «پۇقرالار ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە، ئۆزىگە ئىسىم قويۇشقا، ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى قوللىنىشقا ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق» دېگەن بەلگىلىمە ۋە تويلىشىش قانۇنىنىڭ 22-ماددىسىدىكى «پەرزەنتلەر ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسىمۇ، ئانىسىنڭ فامىلىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە، شۇنداقلا ھەق-تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 7-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر