باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھىندىستان كىنولىرىنىڭ جۇڭگودا قويۇلۇشى ھەققىدە سۆھبەت

— ھىندىستان كىنولىرى مەستانىسى مەھلىيا مەشھۇرنى زىيارەت

2018.05.03 11:19   مەنبە: خەلق تورى

ھىندىستان كىنولىرىنىڭ جۇڭگودا قويۇلۇشى ھەققىدە سۆھبەت

  سۈرەتتە: مەھلىيا ھىندىستان كىنو چولپىنى ئامىرخان ۋە جۇڭگو كىنو چولپىنى خۇاڭ بونىڭ سۆھبىتىگە تەرجىمانلىق قىلماقتا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كىنو بازارلىرىدا ئىزچىل سەل قارىلىپ كېلىۋاتقان ھىندىستان كىنولىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو كىنو بازارلىرىغا كىرگۈزۈلۈش سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستان كىنولىرى، بولۇپمۇ ئامىرخان باش رول ئالغان كىنولار جۇڭگودا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە ۋە يۈكسىلىۋاتقان بېلەت كىرىمىنى ياراتماقتا. «ئۈچ ئەخمەق»، «يەرشارىدىكى يۇلتۇزلار»، «PK»، «باخۇبالى خان»، «چېلىشايلى دادا»، «سىرلىق چولپان» قاتارلىق كىنولار ھىندىستاننىڭ پىشقان كىنو سەنئىتى ۋە ئامىرخاننىڭ ئۆزگىچە ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ، گاھ كۈلدۈرۈپ، گاھ ئويغا چۆمدۈرمەكتە.

  زادى قانداق ئامىللار ھىندىستان كىنولىرىنىڭ جۇڭگو كىنو بازىرىدا يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشىپ بېرىشىغا سەۋەب بولىۋاتقاندۇ؟ داڭلىق چولپان ئامىرخان ئۆز كەسپىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغاندۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ھىندىستان كىنولىرى بىلەن رىشتە باغلىغان، «چېلىشايلى دادا»، «سىرلىق چولپان»، «ئەسەبىي مەستانە»، «باخۇبالى خان» قاتارلىق كىنولارنىڭ جۇڭگوغا كىرگۈزۈلۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، ھەمدە ئامىرخاننىڭ جۇڭگودىكى پائالىيەتلىرىدىكى ياردەمچىلىك ۋە تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەھلىيا مەشھۇر بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىقى ھەققىدە بىر مەيدان سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

  تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈپ، مەھلىيانىڭ يۇقىرىقى سوئاللار ھەققىدىكى جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ باققايسىلەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر