باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ماللىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۈچۈن مىليونلىغان ئىش ئورنى يارىتىلدى

2018.05.02 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا - جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 30- چېسلا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى ئىلگىرى ئۇدا ئىككى يىل چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، 2017- يىلى يەنە قايتا كۈچلۈك ئېشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل ۋەزىيەت ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۈچۈن بىر مىليون ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ مال ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورت قىلىشىدىكى ئۈچىنچى چوڭ نىشان دۆلەتكە ئايلانغان. 2008- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %86كە يەتكەن، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا قىلغان مال ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاران %21 بولغان. 2007- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان مۇلازىمەت ئېكسپورتى ئۈچ ھەسسىدىن ئاشقان، ئەمما ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا قىلغان مۇلازىمەت ئېكسپورتى ئاران %50 ئاشقان.

  دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن قىلغان ئېكسپورت سودىسى ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى شىتاتلارغا نەپ يەتكۈزگەن. 2008- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، ئامېرىكىدىكى 49 شىتاتنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورتلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى خېلى كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 17 شىتاتتىكى ئېشىش سۈرئىتى ئۈچ خانىلىق سانغا يەتكەن. 2007- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈچ خانىلىق سان بويىچە بولغان، يەنە 31 شىتاتتىكى ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بولسا، ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر