باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇلى تولۇق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بولدى

2018.04.08 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىدە شەھەر بويىچە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىكى 1-، 2- 3- يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ياتاق پۇلى ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى بولسا مىللىي مائارىپ سىستېمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ يىل چۇڭچىڭ شەھىرىدە جەمئىي 43 تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن 33 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

  ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسىتى جەھەتتە، چۇڭچىڭ شەھىرى شەھەر بويىچە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىكى 1-، 2-، 3- يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىپ ياردەم بېرىدىكەن، ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەن بولىدىكەن. پۇقراۋى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىكى 1-، 2-، 3- يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ماددىي ياردەم بېرىلىدىكەن.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ياتاق پۇلى ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 3000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر