باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە تاراتقۇلىرى خەلقئارا ئىتتىپاق سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ 25 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى

2018.05.02 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خاساكات ئۆلكىسىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، 25 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، خەلقئارا ئىتتىپاق شۇ كۈنى خاساكات ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سادادى رايونىدىكى بىر كەنتكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى، يەنە نەچچە ئون ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  خەۋەردە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى «قانۇنسىز» دەپ ئەيىبلەندى ھەمدە بۇ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى ۋەقەسى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالدى.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كۇرد قوراللىقلىرى باشلامچىلىقىدىكى «سۇرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسى» شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دەير ئەز زەۋر ئۆلكىسىدە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە يېڭى ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

  2014-يىلى ئاۋغۇستتا، ئامېرىكا ئىراق تەۋەسىدىكى «ئىسلام دۆلىتى» نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشنى باشلىدى ھەمدە شۇ يىلى 9-ئايدا ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنى سۇرىيە چېگراسى ئىچىگە كېڭەيتتى. شۇ ئايدا ئامېرىكا «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشتىكى خەلقئارا ئىتتىپاقنى تەشەببۇس قىلىپ قۇردى. سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتمىگەن، دەپ قارىدى ھەمدە ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى زور تۈركۈمدىكى سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر