باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى بەلگىلىمىسى بۇ ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

15 تۈرلۈك خەلققە قولايلىق، پايدىلىق، ئاشكارا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى تەدبىر چىقىرىلدى

2018.05.02 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بەلگىلىمىسى» (ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 146-نومۇرلۇق بۇيرۇقى)نى ئېلان قىلدى، 2018-يىلى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئۇقۇشۇمچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇنقى «يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بەلگىلىمىسى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بەلگىلىمىدە خەلققە قولايلىق، پايدىلىق، ئادىل، ئۈنۈملۈك، قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئېنىق بولۇش تەلىپى مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن بولۇپ، قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى نۇرغۇن تۈزۈملەر تەڭشىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆت جەھەتتىن 15 يېڭى تەدبىر چىقىرىلغان.

  ھادىسىگە قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى، قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە تۆت تۈرلۈك تۈزۈم تەدبىرى چىقىرىلغان. بىرىنچى، دەۋالاشقۇچىنىڭ ھادىسىنى بېكىتىشكە قايىل بولماي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، قاتناش ھادىسىسى ئىسپاتى، ھادىسىنى مۇۋاپىق، ئاددىي تەرتىپ بويىچە بېكىتىش ۋە يول سىرتىدىكى ھادىسىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەھۋال قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنىڭ قانۇن بويىچە ئەرز قىلىش يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. ئىككىنچى، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ئاساسىدا، يېڭىدىن ئەسلىدىكى دېلو بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمە قوشۇلۇپ، ئاممىنى ئاز يول ماڭدۇرىدىكەن. ئۈچىنچى، ھادىسە مەسئۇلىيىتىگە قايتا قاراپ چىقىش ھالقىسىدا، يېڭىدىن قاراپ چىقىش كومىتېتى تەسىس قىلىش بەلگىلىمىسى قوشۇلۇپ، ساھە ۋەكىلى، ئىجتىمائىي مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھادىسىنى بېكىتىشتىكى ئاممىنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئاشكارا، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھادىسىنى ئادىل-ھەققانىي بېجىرىشكە تۈرتكە بولىدىكەن. تۆتىنچى، قاتناش ھادىسىسى قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىگە كىرگەندىن كىيىن قايتا قاراپ چىقىشقا بېرىلمەسلىك بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنىدىكەن ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بېجىرىلىش ئەھۋالى ۋە قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش تەلەپ قىلىنىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تەننەرخى كېمەيتىلىدىكەن ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر