باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

195 كىشى تاللاندى، ھەر بىر كىشىگە 500 مىڭ يۈەن مەدەت راسخوتى بېرىلىدۇ

2018.03.29 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى» غا تاللانغان داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان، 195 كىشى تاللانغان، مەركەز مالىيەسى تاللانغان ھەر بىر كىشىگە 500 مىڭ يۈەن ئالاھىدە مەدەت راسخوتى بېرىدىكەن.

  دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى» غا تاللانغان داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە قوللاش پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلارغا يۈزلەنگەن، ئوقۇتۇش-تەربىيە ۋە ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار تۈرى. بۇ تۈرگە تاللاشتا ئوقۇتۇش-تەربىيەنىڭ 1-سېپىدىكى خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇش، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاق ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، 1000 كىشىنى قوللاش پىلانلانغان، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىككى تۈركۈمدە 200گە يېقىن ئوقۇتقۇچى تاللانغان.

  قاتتىق تاللاش ۋە دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە قوللاش پىلانى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا يوللاپ ماقۇللىتىش ئارقىلىق 195 ئوقۇتقۇچى 3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىقا تاللاندى. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنى قاپلاپ، ياش، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، سانائەت پەنلىرى، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن قاتارلىق 13 پەن تۈرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت، پەن-تېخنىكا تەربىيەسى، گاس-گاچىلار مائارىپى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر