باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن 4000دىن ئوشۇق كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ

2018.05.02 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئاپرىل، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 2018-يىللىق ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى. بىڭتۈەننىڭ ھەر قايسى شى، تۈەن كەسپىي ئورۇنلىرىغا جەمئىي 4017 خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىگە 1341 نەپەر، سەھىيە-داۋالاش تۈرىگە 1259 نەپەر، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىقىغا 448 نەپەر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا 969 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس ياكى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك (ئالاھىدە كەسىپلەردە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ)، تىزىملاتقان ئورۇنغا زۆرۈر كەسىپ چوقۇم ئۆزىنىڭ بىرىنچى ئوقۇش تارىخىدىكى كەسپى بولۇشى كېرەك.

  پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان مۇشۇ قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار، ئىلگىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ تەكلىپ قىلىش خىزمىتى توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كۆزىتىپ سىناش، قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش تەرتىپى بولسا، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى، بىڭتۇەن تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بىڭتۇەن پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، بىڭتۇەن «شىڭشىن» كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ خادىم تەكلىپ قىلىش شەرتى ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر بولۇپ، يۈز تۇرانە سۆزلىشىش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كۆزىتىش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تەرتىپى بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرى، سەھىيە-داۋالاش تۈرى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىش ئورنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپ ئۇنۋانى شەرتى بويىچە خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىشتا يۈز تۇرانە سۆزلىشىش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كۆزىتىش، ئاشكارىلاش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ئارىسىدىن كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، بۇ يىل ھەر قايسى شى (شەھەر)لەرنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى %10 نىسبىتى شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۆت تۈرلۈك خادىملار، بىڭتۈەن تاللاپ ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار، بىڭتۇەننىڭ تۈەن-مەيدانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قالدۇرۇلىدۇ.

  بۇ يىل بىڭتۈەن ئۈرۈمچى ۋە بىر قىسىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 26-كۈنى. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار بىڭتۇەن ئىمتىھان ئۇچۇر تورى (www.btpta.gov.cn)غا چىقىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى كۆرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر