باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

2018.05.03 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، 2020-يىلىغىچە، بۇ ئىككى تۈردىكى مەكتەپ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىكنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، يېزا-كەنت مائارىپىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر