باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: يىلدا قايتا تەكشۈرۈلىدۇ

2018.04.11 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىمچە، 13381 مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ قۇرۇش سۈپىتى ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ۋە ئالاقىدار ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى سەككىز مەكتەپنىڭ مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىپ، 29 مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭىلا ئېلان قىلغان «مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى قۇرۇشنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يىلدا ئالدىنقى يىلى مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەنلىرىنىڭ قۇرۇش سۈپىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ، قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، پىلانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر