باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى

بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2018.04.11 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 10-ئاپرېل «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «چارە»دە يىللىق كۆرسەتكۈچ تەقسىمات لايىھەسى تۈزۈپ، كىرگۈزۈش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، «چارە»دە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇشتىن توختاپ تۇرغان مەزگىلدە ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بەلگىلىك شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇنداق ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەككەن: بىرىنچى، ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىنىڭ ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىنىڭ تەشەببۇسچىسى ياكى ئاساسلىق قۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى، ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىنى قۇرغاندا شۇ كىشىنىڭ ئىلىكىدىكى پاي نىسبىتى %10تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك(پاي ئۆتۈنۈش، كېيىنكى پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ ئۈچىنچى، ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانا يۇقىرى، نازۇك، ئۆتكۈر، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق مەزكۇر شەھەر نۇقتىلىق قوللايدىغان كەسىپكە تەۋە، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولۇشى كېرەك. شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھازىر «ئۈنۈمى گەۋدىلىك»نى قانداق بېكىتىش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا يەنە ئۆلچەم بېكىتىلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ خىل ئەھۋالدا، بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر كىرگۈزۈش رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە بېجىرسە بولىدىكەن، شۇنداقلا كىرگۈزۈش كۆرسەتكۈچىنى ئىگىلىمەيدىكەن. بىرىنچى، ئاتا-ئانىسى بېيجىڭدىن چېگرا رايونغا ياردەمگە كەتكەن، شۇنداقلا بۇ شەھەردە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج بىۋاسىتە تۇغقىنى بار ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر؛ ئىككىنچى، ئاتا-ئانىسى بېيجىڭلىق زىيالىي، شۇنداقلا بۇ شەھەردە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج بىۋاسىتە تۇغقىنى بار ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر؛ ئۈچىنچى، ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئاتا-ئانىسى بېيجىڭغا يۆتكىلىپ كەتكەن، شۇنداقلا مەزكۇر شەھەرنىڭ دائىملىق نوپۇسى بار ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر.

  پىراكتىكا مەزگىلىدە خىزمەتتىن ئايرىلغانلارنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى بېجىرىشى توختىتىلىدۇ

  «چارە»دە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر پىراكتىكا مەزگىلىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتتىن ئايرىلسا ياكى پىراكتىكا مەزگىلىدە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولالمىسا، شۇنداقلا تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىپمۇ لاياقەتلىك بولمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىلتىماس قىلىپ، مەسئۇل ئورۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىغا ئۇنىڭ «قوبۇل قىلىش خېتى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىپ، نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى توختاتسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر