باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد بىر يۈز مىليون يۈەندىن ئارتۇق خاس تۈرلۈك مەبلەغ ئاجرىتىلدى

2018.04.08 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مالىيە تارماقلىرى يېقىندا 2018- يىللىق يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن خاس تۈرلۈك مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، ئاجرىتىلغان بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىر مىليارد بىر يۈز مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇ مەبلەغلەر مەخسۇس ھالدا شىنجاڭدىكى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى ھەر بىر بالىغا تەڭ تەقسىملەنگەن رەۋىشتە، ئۇلارنىڭ بالىلار باغچىلىرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش كاپالىتى خىراجىتى، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھويلا-ئۆيلىرىنى ياساپ رېمونت قىلىش-ئۆزگەرتىش خىراجىتى ۋە ئۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشلۇق ماتېرىياللىرى خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بۇ خاس تۈرلۈك مەبلەغنىڭ ۋاقتىدا ئاجرىتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ نورمال يۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇردى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكىنى ئازلاتتى؛ بۇ كاپالەت مېخانىزمىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى قوللىدى؛ تۈزۈم قاتلىمى جەھەتتىن ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتتى؛ يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ خىراجەت مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا يۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2016- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلدى.

  يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى خىراجەت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئۇلار: ھەقسىز مائارىپ كاپالىتى خىراجىتى، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھويلا-ئۆيلىرىنى ياساپ رېمونت قىلىش-ئۆزگەرتىش خىراجىتى ۋە بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشلۇق ماتېرىياللىرى خىراجىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھەقسىز مائارىپ كاپالىتى خىراجىتىنىڭ ياردەم پۇللىرى ئۆلچەم بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچى بېشىغا يىلدا 2800 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ. بۇ 2800 يۈەنلىك خىراجەت پۇلى بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنىڭ تاماق پۇلى ئۈچۈن كېتىدىغان 1450 يۈەن، بالىلارنىڭ ئوقۇشلۇق ماتېريالىرى ھەققى ئۈچۈن كېتىدىغان 130 يۈەن، بالىلار باغچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى ئۈچۈن كېتىدىغان 1100 يۈەن، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئىسسىنىش ھەققى ئۈچۈن كېتىدىغان 120 يۈەن دېگەندەك خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بالىلارنىڭ ئوقۇشلۇق ماتېرىياللىرى ئۈچۈن ھەربىر بالىغا سەرپ قىلىنىدىغان 130 يۈەنلىك خىراجەتنى ئاپتونوم رايونلۇق شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلار تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بالىلار باغچىلىرىدىكى تاماق پۇلى، بالىلار باغچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئىسسىنىش ھەققى قاتارلىقلار ئۈچۈن ھەر بىر ئوقۇغۇچى بېشىغا 2670 يۈەندىن توغرا كېلىدىغان پۇللاردىن 2154 يۈەننى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئاپتونوم رايونلۇق شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلار ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردە ھەربىر ئوقۇغۇچى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 916 يۈەننى ئاپتونوم رايونلۇق شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلار ئۈستىگە ئالىدۇ. بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھويلا-ئۆيلىرىنى ياساپ رېمونت قىلىش-ئۆزگەرتىش خىراجىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ .

  بۇلتۇر، شىنجاڭدا يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ ھەقسىز مائارىپ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئۈچۈن ئاجراتقان ياردەم مەبلىغى ئۈچ مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر