باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ماس كېلىدۇ

2018.05.02 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يىمەك - ئىچمەك پىرىنسىپى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئېنېرگىيە ۋە ئومۇمىي ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش؛ يېمەكلىك ئىچىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى چەكلەش؛ يېمەكلىك تالاسى ۋە كۆپ خىل ۋېتامىنلارنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ مۇۋاپىق مىقداردىكى مېنېرال ماددا ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش.

  تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىكلەر:

  1. سۇلۇ، قوناق ۋە قارا بۇغداي: سۇلۇ تەركىبىدە مول مىقداردا لىنولېئىك كىسلاتاسى بىلەن ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق؛ كۆممىقوناق تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتاسى، لېتسىتىن، ۋىتامىن E بار بولۇپ، قان زەردابىدىكى خولېستېرىننى چۈشۈرۈش، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە؛ قارا بۇغداي تەركىبىدە مول بولغان فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

  2. دادۇر، خاسىڭ (يەر ياڭىقى) : دادۇر ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى تەركىبىدە ساپونىن ۋە سېللۇلوزا بار بولۇپ، بەدەندىكى خولېستېرىننى ئازايتىش رولى بار؛ يەر ياڭىقى تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  3. تاتلىق ياڭيۇ، تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە مول بولغان شېكەر، ۋىتامىن C ۋە كاروتىن بار، بۇ كۆپ مىقداردا كوللوئىد ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

  ئۇنىڭدىن باشقا، پىياز، ئاقچەشكە (زەنجىۋىل)، سامساق، پىدىگەن، سەۋزە، كەرەپشە، كۈدە، زەمبۇرۇغلۇق يىمەكلىكلەر، دولانانىڭ ھەممىسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا ئەڭ ياخشى يېمەكلىكتۇر.

  «داخې ساغلاملىق گېزىتى»دىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر