باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئۇنۋان باھالاش بولدى

2018.04.25 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شېنجېن شەھىرى باۋئەن رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇنجى قېتىم ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى تۈركۈمدە، خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 82 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىگە بېرىشتى. بۇ يىل، باۋئەن رايونى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشتە، ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇنۋان باھالاپ ئاندىن تەكلىپ قىلىشتەك چارە-تەدبىرنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويدى. ئۇ خىل ئۇنۋان رايون ئىچىدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

  باۋئەن رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن جەمئىي 61سى بار بولۇپ، ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 181 مىڭ 500گە يەتكەن. بۇ، پۈتۈن رايون بويىچە ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ % 53.5ىنى ئىگىلىگەن. لېكىن، ئۇنۋان باھالاش ناھايىتى قىيىن بولغاچقا، كۆپ ساندىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى بولماي كەلگەن، باشقا جايلارغا ئېقىشچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان. بۇ يىل 3- ئايدا، باۋئەن رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاپ تەكلىپ قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. باۋئەن رايونى باھالاش بىلەن تەكلىپ قىلىشنى بىرلەشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇ ئۇنۋان باھالاش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار مۇناسىپ ۋەزىپەگە (يەنى ئىش ئورنىغا) تەكلىپ قىلىنىدۇ، تەكلىپ قىلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۇنۋان ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتى بىلەن باغلىنىدۇ، ھەمدە باۋئەن رايونى ئىچىدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر