باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىمەن

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گومسۇرۇڭ جوقتۇ

2018.04.20 10:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىلىرىدىن ۋە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ھەر مىللەت ئامما يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى.

  بىراق «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئاممىنى قۇتراتتى، قايمۇقتۇردى ھەم ئۈزلۈكسىز ۋەقە تۇغدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر، ئۇلار باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي ئۈزۈل- كېسىل يوقاتقاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر بىردەك بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەدە يادرونى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قەتئىي قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىمنى روشەن، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پوزىتسىيەمنى، مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاممىباب تىل ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تىرىشىپ قوغدايمەن.

  شۇنىڭغا باشتىن- ئاخىر ئىشىنىمەنكى، ھەممەيلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتالايمىز. مەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر پوزىتسىيەمنى قەتئىي، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر