باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى ئانالىز قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «يېڭى دەۋردە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەنى پۇختىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.04.24 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 23-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى ئانالىز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «يېڭى دەۋردە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەنى پۇختىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن مۇنداق قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى داۋاملىق مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈردى. 1-پەسىلدە ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۈچىيىپ، سانائەت بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر ياخشى بولدى. قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكە بولغان تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، يېڭى كەسىپلەرنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى مۇقىملىقلىقى ئۈنۈملۈك ئاشتى، سۈپەت ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى سەۋىيەنى ساقلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى 1-يىغىن ئېچىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ئورۇنلاشتۇردى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىز ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى، مۇھىم تەدبىرنى ئېلان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى قوللاش، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتىنى تەدرىجىي قۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر